پائالىيەت باھا
3-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي ئىمتىھان

تەقلىدىي ئىمتىھان ھەققىدە
تەقلىدىي ئىمتىھانلار، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆلچەش مەقسىتىدە ئېلىنىدىغان بىر خىل ئىمتىھان بولۇپ، تەقلىدىي ئىمتىھانلار، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ۋە ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي، ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى ۋە قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بېرىدۇ. 
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تەقلىدىي ئىمتىھانلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجىز نوقتىلىرىنى ۋە كۈچلۈك تەرەپلىرىنى بايقىشىغا ياردەمچى بولىدۇ، شۇنداقلا قايسى دەرسلەردە، قايسى مەزمۇنلارغا  بەكرەك مەركەزلىشىشى لازىملىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى تەقلىدىي ئىمتىھانلىرى
بىز ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسلاردا ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بارلىق دەرسلەردىن تەقلىدىي ئىمتىھانلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
2025-يىللىق ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن 3-ئايدا، 4-ئايدا ۋە 5-ئايدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان شەكىلدە، جەمئىي ئۈچ قېتىملىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي ئىمتىھان تەييارلانغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى سوئاللىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا Google Meet ئارقىلىق توردا نەق مەيدان ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.

3-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي ئىمتىھان

600.00TL
300.00TL
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR330020500009415997500003

ئۇچۇر يېزىڭ