LGS ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق

بىر يۈرۈش پىلانلانغان ئۈچ باسقۇچلۇق ماتېماتىكا دەرس پروگراممىمىزنىڭ  بىرىنچى باسقۇچى بولغان تولۇقسىز 5-6-7-يىللىق ماتېماتىكىسى ۋە ئىككىنچى باسقۇچى بولغان 8-يىللىق ماتېماتىكىسىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە پىلاننىڭ داۋامى بولغان LGS ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇش باسقۇچىغا تىزىملاش باشلاندى.

بۇ باسقۇچتا، دەرسلەر مەخسۇس LGS غا قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، رەسمىي ئىمتىھانغا ئەڭ يېقىن دەپ تەرىپلەنگەن نوپۇزلۇق نەشرىياتلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا چىققان رەسمىي سوئاللارغا تەڭداش تەقلىدىي سوئاللاردىن تەشكىل تاپقان ماتېرىياللىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

دەرس پروگراممىسى جەريانىدا ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى ئىمتىھان سىستېمىسىدىن رەسمىي ئىمتىھانغا تەقلىد قىلىنغان ئىمتىھانلار ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان مۇنبىرى سىستېمىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا قانچە نۇمۇر ئالغانلىقى، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا قانچىنچى بولغانلىقى ۋە قايسى سوئاللاردا خاتالىشىپ قالغانلىقى... قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار يەنە بۇ ئىلغار ئىمتىھان سىستېمىسىدىن ھەر بىر سوئالنىڭ قايسى تېمىدىن چىققانلىقىنىمۇ كۆرەلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سايىسىدە، خاتا ئىشلەپ قالغان سوئاللارغا ئالاقىدار دەرس مەزمۇنىنى (Konu Anlatımı) جەزىملەشتۈرۈپ، ئاجىز نۇقتىلىرىغا قاراتمىلىق ھالدا تەييارلىق قىلالايدۇ.

ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن، ئىمتىھان سوئاللىرى ئوقۇغۇچىلارغا توردا نەق مەيدان سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ھەپتىدە ئىككى تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە دەرس پروگراممىسى بويىچە ئوقۇغۇچىلار بىلەن جەمئىي 16 تەقلىدىي ئىمتىھان تولۇق ۋە تەپسىلىي ئىشلەپ چىقىلىدۇ.

دەرسىمىزگە قاتناشماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ يوللاپ بەرسە بولىدۇ. ئوقۇش پۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

https://forms.gle/wccEhG6tXsNeYbkN9

بىز بىلەن LGS سەپىرىگە چىقىشقا تەييارمۇسىز؟ بىز سىز بىلەن مېڭىشقا تەييارمىز! قېنى، مۇۋەپپەقىيەتكە بىرلىكتە ئاتلىنايلى!

LGS ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق

1.00TL
4000.00TL
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR870020500009415997500001

ئۇچۇر يېزىڭ