بالىلارنىڭ يېشىغا كۆرە كىتاب تاللاش قانداق بولىدۇ؟

كىتابلار، بالىنىڭ ئەخلاقى، ئېتىقادىي ۋە كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشتە ئەڭ تەسىر قىلارلىق ئامىلدۇر.
بالىلارنىڭ يېشىغا كۆرە كىتاب تاللاش قانداق بولىدۇ؟
ئاپتۇرى: مۇتەخەسىس پىداگوگ نىلۇفەر ئەۋگىن
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنىرە ئابدۇرەشىد
بالا بىلەن كىتاب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، بالا ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگەنگەن مەزگىلدە ئەمەس بەلكى كىتاب بىلەن تونۇشقان 0 – 6 ياش مەزگىلىدە باشلايدۇ. بالىلار كىتابلىرى بالىنىڭ زېھىن - پاراسىتى ۋە پىسخولوگىيىلىك تەرەققىياتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆگىتىشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە. كىتابلار، بالىنىڭ ئەخلاقى، ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەڭ تەسىر قىلارلىق ئامىلدۇر.
بالىلار كىتابلىرىنىڭ پايدىلىرى:
*بالىلار كىتابلىرى بالىلارنىڭ تىل ئىدراكىنى ۋە سۆزلۈك ئامبىرىنى موللاشتۇرۇشتا (بولۇپمۇ قېلىپلاشقان سۆز بىرىكمىلىرى ۋە تېپىشماقلارنىڭ) ئىنتايىن چوڭ رولى بار.
*بالىلار كىتابلىرى، بالىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە تەپەككۈر دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، تەنقىدىي ۋە ئىجادىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىگە ئېگە بولۇشىدىمۇ كۆپلىگەن تەسىرگە ئىگە.
*بالىلار ئۆزى ئوقۇغان كىتابلاردىن ئۆزلەشتۈرگەن ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ۋە قىممەت قاراشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھەمىشە يول كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنى ھاياتقا تەييارلايدۇ.
*بالىلار كىتابلىرى بالىلارغا: ياخشىلىق قىلىش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەمسۆيەرلىك، قەھرىمانلىق، پاراسەتلىك بولۇش، سەبىرلىك بولۇش، چىدامچانلىق، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش، باشقىلارغا ھەمدەمدە بولۇش ۋە باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىش، ئىجابىي قىممەت قاراشقا ئىگە بولۇش، مەسئۇلىيەتچانلىق، ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىش، ئاتا-ئانا، قېرىنداش، دوست-ئاغىنە، تەبىئەت ۋە جانلىقلارغا مۇھەببەت قىلىش قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، تەر تۆكۈشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، بالىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش، ئىشلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ھەسسە قوشىدۇ.
بالىلار كىتابلىرىنى تاللىغاندا؛ بالىلارنىڭ دۇنياغا ئۈمىد ۋە رېئال كۆزى بىلەن نەزەر سېلىشىغا ئاساس سېلىپ بېرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ۋە تەبىئەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان نەرسىلەرنى تاللاشقا دېققەت قىلىش كېرەك. كىتابنىڭ باش تېمىسىنى ۋە رەسىملەرنى تاللاشتا، بالىنى رېئال ھاياتتىن ئايرىۋېتىدىغان، چۈشكە ئوخشاش ۋە فانتازىيەلىك نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ بولماسلىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار، ھاياتلىق ۋە جەمىيەت ھەققىدە يامان ۋە زىيانلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋايى ئەسەرلەردىن ئېھتىيات قىلىش ۋە بالىلارنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەك.
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يېشىغا ئاساسەن كىتاب تاللاشتا تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك:
0-3 ياش ئارىسىدىكى بالىلارغا كىتاب تاللاشتا:
ئاۋازلىق، رەڭلىرى پارقىرايدىغان، تونۇشلۇق نەرسىلەر بار ، سۆز سانى ئاز ياكى رەسىملەر كۆپ بولغان (ھايۋاناتلار، نەرسە – كېرەك دېگەندەك...)، ئاسانلىقچە ئۇپراپ، يىرتىلىپ كەتمەيدىغان، سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن، بالىنىڭ قولىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە مۇۋاپىق، تېگىش ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن كىتابلارنى تاللاش كېرەك. كىتابلار بىلەن تونۇشۇش بولسا، ئۇنىڭغا تېگىش ۋە قولدا تۇتۇشتىن باشلىنىدۇ. بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلارغا خاس كىتابلار، بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى تونۇشىغا، ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا، تىل قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ چوڭقۇرلۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ.
3-5 ياش ئارىسىدىكى بالىلارغا كىتاب تاللاشتا:
رەسىملىرى ياخشى سىزىلغان، قەھرىمانلىق ئوبرازلىرى يارىتىلغان مەسەل كىتابلارنى، بالىلارنىڭ خىيال كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تونۇشلۇق ھادىسىلەر چۈشەندۈرۈلگەن، نەرسىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىيدىغان، مەركىزى ئىدىيىسى ئاددى، رەسىملىرى ھېكايىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئوقۇلغان كىتابلار بالىنىڭ كىشىلىك خارەكتېرىنىڭ ئېسىللىقىغا ھەسسە قوشۇش بىلەن بىللە ئۆگىنىش ئىستىكىنى ۋە ھەۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇقۇملارنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، سۇئال سوراشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.
5-8 ياش ئارىسىدىكى بالىلارغا كىتاب تاللاشتا:
ھەقىقىي ھىكايىلەردىن ئۈزۈندىلەر ئېلىنغان، پەقەت ياخشى ۋە توغرىنىلا ئەمەس ، يامان ۋە خاتا خارەكتېرلەرنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن، بالىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان كۈچلۈك ھىكايىلىرى بولغان ئوبرازلار تەسۋىرلەنگەن، ئىشلىتىلگەن ئۇقۇملار ۋە تىل سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، باتۇر ئوبرازلارغا ئىگە، تونۇشلۇق كەلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان، ئوقۇشنى يېڭى ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن قىسقا ۋە چوڭ ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان كىتابلار بولۇشى كېرەك. بۇلار بالىنىڭ خىيال كۈچىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەھلىل قىلىشنى، يېڭى نەسىلەرنى سىناپ بېقىشنى، ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇ ۋە پىكىرلىرىنى تونۇشنى، تىلىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى تەمىن ئېتىدۇ.
8-12 ياش ئارىسىدىكى بالىلارغا كىتاب تاللاشتا:
ياخشىلىقلار بايان قىلىنغان چاغدا، ئۇنىڭدىن توسۇش مەقسقتىدە يامانلىقلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئورۇن بېرىلگەن، ئىجادچانلىققا تۈرتكە بولىدىغان، ئاخىرىنى ئۆزى تاماملىيالايدىغان، بالىنىڭ خارەكتېرى ۋە قىزىقىشىغا ئۇيغۇن، ئانا تىل توغرا ئىشلىتىلگەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى تونۇتىدىغان، ھېس- تۇيغۇ جەھەتتە تالاش- تارتىش تۈرىدىكى ئۆگەتكۈچى كىتابلارنى تاللاشقا بولىدۇ. بالىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىگە ئالاقىدار ھەر بىر يېڭى مەلۇمات ۋە قەھرىمانلار بالىلارنى ھاياجانلاندۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش ئىستىكىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا ھاياجانغا تولغان تالاش- تارتىشلىق ۋەقەلەر ۋە ھېس- تۇيغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلار بالىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ.