قېرىنداشلار جىدىلنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەۋسىيە (1)

ئاتا-ئانىلار ھەل قىلىشتا ئەڭ قېيىنچىلىق تارتىدىغان مەسىلە، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى جىدەلدىن ئىبارەت.
قېرىنداشلار جىدىلى ۋە بەزى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەۋسىيە (1)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنىرە ئابدۇرەشىد
ئاتا-ئانىلار ھەل قىلىشتا ئەڭ قېيىنچىلىق تارتىدىغان مەسىلە، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى جىدەلدىن ئىبارەت.
بالىلارنىڭ چوڭى ئويناۋاتقاندا كىچىكىنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىۋېلىشى، خۇددى ئۆيدە باشقا ئويۇنچۇق يوقتەك ئاشۇ ئويۇنچۇقنى تالىشىشى، دەسلىپىدە "ئۇ مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم" دېگەن ئاۋازلار، ئاندىن سىلىق-سىپايە ئىتتىرىش- تارتىشلار، ئارقىدىنلا نېمە بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر يىغلىغان ئاۋاز ۋە "ئاپا!..." دەپ چىقىراش...
غەزەپ بىلەن ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن دادا ياكى ئاپا... قارىغۇدەك بولسا بالىلار بىر-بىرىنى تارتىشىپ، ئىتتىرىشىپ تۇرغان.
ئاتا-ئانىنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن جىلەچىلىكى...
-"ۋاي يەنە نېمە بولدى؟ نېمە قىلدىڭ ئۇكاڭنى؟"
-"ئويۇنچۇقۇمنى ئېلىۋېلىپ بەرمەيۋاتىدۇ..."
-"سەن قانداق دېگەن ھەدە سەن -ھە؟ قولۇڭدىكى بەرسەڭ بولمامدۇ ئۇكاڭغا؟"
-"لېكىن ئۇ دېگەن مېنىڭ، ئۇكامنىڭمۇ بارغۇ، ئاشۇنى ئوينىسۇن..."
يەنە ئاللىقانداق بىر گەپلەر... ئاچچىقلىنىشلار...
ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىغان قېرىنداشلار جىدىلىدە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار چارىسىز. بالىلارمۇ چارىسىز قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاستىدا چارىسىز...
پىداگوگىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ يەردىكى مەسىلە جىدەلنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى بۇ جىدەل جەريانىدا ئاتا-ئانىنىڭ ئاچچىقىنى باشقۇرالماسلىقىدۇر.
ھالبۇكى قېرىنداشلىرى بولغان ئۆيدە جىدەلنىڭ بولماسلىقىنى كۈتۈش، بالىلىق ھەقىقىتىگە زىتتۇر. قېرىنداشلار جىدىلى، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، توغرا ھەل قىلالىسا، ھەر بىر جىدەل بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.
ئاددىي بىر مەنتىقە بىلەن قاراپ بېقىلسا، ئەسلىدە قېرىنداشلار جىدىلىنىڭ سەۋەبى، بالىلارنىڭ ئاشۇ پەيتتە ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى يېڭى بىر ۋارقىراش-جارقىراش ئەمەس بەلكى ئارىدىكى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئائىت كۆرسەتمىدۇر.
شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار، قۇلقىغا كىرگەن گۈلدۈر-تاراقلاردىن دەرھال خۇدىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى يۈز بەرگەن مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويماسلىقى كېرەك. ئەگەر مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنسا، بالىلارغا مەسىلىنى ھەل قىلىشتا "زوراۋانلىق" نى تەلىم بەرگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى كوچىلاردا، مەكتەپتە يولۇققان ئىشلارنى ۋارقىراپ-جارقىراپ، جىدەل-ماجىرا بىلەن ھەل قىلماقچى بولۇشىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولۇپ، ئۆزىمۇ بىرىنىڭ ئېرى ياكى ئايالى بولغان ۋاقتىدا، تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى غەۋغا ئىچىدە خاپىلىق بىلەن ھەل قىلىشتەك خاتالىق ئىچىدە بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ، تەمكىنلىك ۋە ئېغىر-بېسىق بولۇشنىڭ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئائىت تەجرىبىسى بولۇپ باقمىغان.
شۇڭلاشقا جىدەل يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئاتا-ئانىنىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم پوزىتسىيىسى، تەمكىن ۋە ئېغىر-بېسىق بولۇشتىن ئىبارەت. جىدەل-ماجىرا مەيلى قانچىلىك قاتتىق بولسا بولسۇن، ئاتا-ئانىلار تەمكىنلىكىنى بۇزماستىن ۋە جىدەلنىڭ بىر تەربىيەلەش پۇرسىتى ئىكەنلىكىدەك چۈشەنچە بىلەن، مۇھىم بولغان نەرسىنىڭ يۈز بەرگەن مەسىلە ئەمەس بەلكى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بالىلارغا دەپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ئادەتتە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىپلا، يېرىم قېلىپ قالغان ئىشىغا تۇتۇش قىلماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە ئادالەت بىلەن ھەل قىلىدىغان بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشىدۇ.
ئادەتتە ئادالەتلىك بولمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق، بالىنىڭ چوڭىدىن پىداكارلىق قىلىشىنى كۈتۈشتۇر. ھالبۇكى قېرىنداش جىدىلىنىڭ كۆپچىلىكىدە زىيان تارتىدىغىنى ئەسلىدىنلا دەل بالىلارنىڭ چوڭىدۇر. زىيان تارتقۇچىنىڭ پىداكارلىق قىلىشىنى كۈتۈش، بوزەك قىلغۇچىغا بوزەك قىلىنغۇچىنى ئەزدۈرۈش دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
قېرىنداشلار جىدىلىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلى، بالىلارغا ۋاقىت پىلانلاشنى ئۆگىتىشتۇر. بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكى ۋە ئەمەلىيەتكە قانداق تەدبىق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كېلەر ھەپتە توختىلىمەن.
ئاپتورنىڭ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئاكسىيون ھەپتىلىك خەۋەر ژورنىلىدىكى ماقالىسى.