يېڭى مەھسۇلات
6-يىللىق ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى

باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا تولۇقسىز 5-6-7-8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى دەرسى بويىچە ئۆزگىچە تەييارلانغان دەرس پروگراممىمىزغا تىزىملىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

بۇ دەرس پروگراممىسى، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن شەخسىي مەكتەپلەردە ۋە نۇقتىلىق كۇرس مەزكەزلىرىدە تەدبىقلىنىۋاتقان، ئۈنۈمى يۇقىرى دەرس مېتۇدلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىستېمىلىق ھالەتتە ئىمتىھان مانىۋېرى قىلىشىنى، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپتىكى دەرسلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان كەمچىلىكلەر ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشىنى تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ھەر ھەپتىلىك دەرسلەرنى بۇ ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى نەتىجىسىدە ۋاقتىدا پۇختىلاپ ماڭىدۇ.

پروگراممىنىڭ مەزمۇنى ۋە پايدىلىرى:

بۇ پروگراممىدا ھەر ھەپتىدە ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرىدە قەرەرلىك ھالەتتە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا ماس قەدەمدىكى ئىمتىھانلار ئېلىنىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئاخىرىدا ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن تور نەق مەيدان دەرسى بولىدۇ. ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك دەرس مەزمۇنلىرىمۇ (Konu Anlatımı) قوشۇپ سۆزلىنىدۇ.

ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى دەرس پروگراممىسى ئايرىم ئايرىم بولىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى خالىسا بىر دەرسنى ياكى ھەر ئىككى دەرسنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

قەرەرلىك ئېلىنغان ھەپتىلىك ئىمتىھانلار، ئوقۇغۇچىغا ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ۋە ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپلار قالماي، كېلەچەكتىكى مۇھىم ئىمتىھانلار ئۈچۈن ياخشى بولغان بىر ئىمتىھان مانىۋېرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھەر ھەپتە ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دەرستىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تۇرالايدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتىنىڭ بۇ دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرالايدۇ.

پروگرامما ۋاقتى ۋە مۇددىتى:

سوئال ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى، ھەپتىدە جەمئىي ئىككى سائەت (50 مىنۇت دەرس + 10 مىنۇت تەنەپپۇس + 50 مىنۇت دەرس شەكلىدە) بولىدىغان بولۇپ، بىر ئايدا جەمئىي سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

دەرس پروگراممىسى، مەكتەپ دەرسلىرى باشلىنىپ، ئاخىرلاشقۇچە ئارىلىقتا جەمئىي 32 ھەپتە (يەنى بىر ئوقۇش يىلى-ئىككى مەۋسۇم) داۋاملىشىدۇ. تۇنجى ئىمتىھان 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

ئوقۇش ھەققى:

ماتېماتىكا ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى: ئايلىق ئوقۇش ھەققى 1200 لىرا

پەن بىلىملىرى ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى: ئايلىق ئوقۇش ھەققى 1200 لىرا

تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچى ئەڭ ئاز بىر مەۋسۇم (يەنى تۆت ئايلىق) تىزىملىتىشى لازىم بولۇپ، بىر قېتىمدىلا 4800 لىرا تاپشۇرىدۇ.

بىر يىللىق (ئىككى مەۋسۇم-سەككىز ئاي) ئوقۇش ھەققى 9600 لىرا بولۇپ، بىراقلا بىر يىللىق تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار  ئۈچۈن ياكى ھەر ئىككى دەرسكە (ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى) تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يىللىق ئوقۇش پۇلىدا ئېتىبار قىلىنىپ، 9000 لىرا تاپشۇرسا بولىدۇ.

دەرس پروگراممىمىزغا چەكلىك ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە يېتەرلىك سان توشقاندا باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، تىزىملىتىپ بولۇپ، كېيىنكى ئايلاردا چېكىنمەكچى بولغانلارغا ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

ئىمتىھان ماتېرىيالى ھەققىدە:

ھەپتىلىك ئىمتىھانلار ئۈچۈن مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تور ئىمتىھان جەريانىدا ۋە ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش داۋامىدا سوئاللارنىڭ سىكانېرلانغان نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن ماتېرىيالنىڭ نەشىر ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن سىكانېرلانغان PDF نۇسخىسى ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەنمەيدۇ.

6-يىللىق ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى

0.00TL
1200.00TL
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR870020500009415997500001

ئۇچۇر يېزىڭ