2025-يىل ئىككىنچى مەۋسۇملۇق تەقلىدىي تور ئىمتىھانلىرى ھەققىدە سوئال-جاۋابلار
1-ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ تەقلىدىي ئىمتىھانلىرى، 2025-يىللىق 2-ئوقۇش مەۋسۇمى ئىچىدە 3-ئايدا، 4-ئايدا ۋە 5-ئايدا بىر قېتىمدىن جەمئىي 3-قېتىم ئېلىنىدۇ.
2-ئىمتىھانلار توردا ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ كىرىدۇ. بىر ئائىلىدىن بىردىن كۆپ بالا تىزىملاتقان بولسا، ئايرىم-ئايرىم تىزىملىتىپ كىرىشى لازىم.
3-ھەر بىر قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ كۈنى ۋە سائىتى كەم دېگەندە بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
4-ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى-سائىتى يېتىپ كەلگەندە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەقلىدىي تور ئىمتىھانىمىزغا تىزىملاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا ئىمتىھانغا كىرىدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشالماي قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تولۇقلىما ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
5-ئىمتىھان ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرىدىن نەتىجىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتنى كۆرەلەيدۇ.
6-ئىمتىھاننىڭ ئوڭۇشلۇق ھەم ئۈنۈملۈك داۋام ئېتىشى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا كومپيۇتېر بىلەن قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
7-ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بەرگەن پەنلەر ئارىسىدىن ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى سوئاللىرى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت بېكىتىلىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا توردا نەق مەيدان سوئاللارنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرىدىن باشقا پەنلەرنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابلىرى ئىمتىھان سۇپىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ.
8-نەتىجىلەر رەتلىنىپ، تەييار بولغاندىن كېيىن، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى جەدۋەل شەكلىدە ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىدا ھەمبەھىرلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار جەدۋەلدىن ئۆزىنىڭ قانچە نۇمۇر ئالغانلىقىنى، ئىمتىھاندا قانچىنچى بولغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار يەنە ئىمتىھان نەتىجىسىنى، قانچە سوئالنى توغرا ئىشلەپ، قانچىنى خاتا قىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىمتىھان سىستېمىسىدىنمۇ كۆرەلەيدۇ.
9-ئوقۇغۇچىلارغا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىمتىھان سىستېمىسىغا تىزىملىتىش ۋە ئىمتىھان بېرىش جەريانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قىسقا سىن ھۈججەتلىرى تەييارلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىدۇ.
10-ئىمتىھان ۋاقتى كەلگەندە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھانغا ۋاقتىدا قېتىلىشى، ئىمتىھان جەريانى ۋە ئىمتىھاننى ئاياغلاشتۇرۇشى جەريانى قاتارلىق ئىشلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىگە بولۇپ، كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تەقلىدىي ئىمتىھانلار ئۈچۈن بەلگىلىك ھەق بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى باسقۇچلارغا كۆرە قىسمەن پەقلىنىدۇ:
2-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 300 لىرا)
3-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 300 لىرا)
4-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 300 لىرا)
5-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 450 لىرا)
6-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 450 لىرا)
7-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 450 لىرا)
8-يىللىق ئومۇمىي پەنلەردىن تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 450 لىرا)
2025-يىللىق LGS تەقلىدىي تور ئىمتىھانى (بىر مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 600 لىرا)