ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان "سۈنئىي ئەقىلگە كىرىش دەرسلىرى (2-باسقۇچ) – سانلىق مەلۇماتتىن ئوبراز شەكىللەندۈرۈش" دەرسىمىزگە ئوقۇغۇچى تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ.
بۇ دەرسمىز، Python پروگراممىلاش تىلى بىلىمىڭىزنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىنشائاللاھ دەرس داۋامىدا سانلىق مەلۇمات بىلىمىدە ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان Numpy، Pandas، Matplotlib قاتارلىق Python كۇتۇپخانىلىرىنى ئۆگىنىپ چىقىمىز ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ سانلىق مالۇمات – ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش، گىرافىك شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى ئىزاھلاش قاتارلىق بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىمىز. شۇنداقلا يەنە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى رېئاللىققا تەدبىقلايدىغان ئەمەلىي ۋە رېئال پروجېكىتلارنى ئىشلەيمىز.
بۇ دەرس،Python پروگراممىلاش تىلىنى ئۆگىنىپ باقمىغان، يېڭى باشلايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، بەلگىلىك Python ئاساسىي بىلىملىرىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ. تىزىملاتقاندا بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن توردا نەق مەيدان ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك كودلار يازدۇرۇلىدۇ. ئۆتەلمىگەنلەر قالدۇرۇلىدۇ.
دەرس ھەقسىز، ئەمما دەرسىمىزنىڭ قائىدە-تۈزۈمى چىڭ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە تولۇق، ۋاقتىدا قاتنىشىش ۋە تاپشۇرۇق يوللاش قاتارلىق ئەھۋاللىرى سۈرۈشتە قىلىنىپ تۇرىدۇ، بىر قېتىم رىئايە قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە دەرستىن چېكىندۈرۈلىدۇ.
تىزىملىتىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:
05537457571 مەۋلان مۇئەللىم.