يېڭى مەھسۇلات
3-يىللىق ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى

باشلانغۇچ مەكتەپ 2-3-4- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئومۇمىي پەنلەردىن بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئايلىق تور ئىمتىھانلىرىغا تىزىملىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

بىز ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان 2-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئومۇمىي پەنلەردىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان تەقلىدىي تور ئىمتىھان پروگراممىسىنى يولغا قويغانىدۇق ۋە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرگەن، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ پروگراممىدىن ياخشى مەنپەئەت ئالغانلىقىنى ئېيتىپ، خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىز بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ پروگراممىنى يەنە قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ قېتىم ئىمتىھانلار ئايدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ھالەتتە بىرىنچى مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم، ئىككىنچى مەۋسۇمدا ئۈچ قېتىم بولۇپ، بىر يىللىق (ئىككى مەۋسۇملۇق) ئوقۇش مەۋسۇمىدا جەمئىي ئالتە قېتىم ئېلىنىدۇ.

ھەر قېتىملىق ئىمتىھان ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھانغا چىققان ماتېماتىكا، تۈركچە ۋە پەن بىلىملىرى سوئاللىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا Google Meet ئارقىلىق تور دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نەق مەيدان ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۈچ پەندىن باشقا قالغان پەنلەرنىڭ جاۋابلىرى ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى تور بېكىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ.

تەقلىدىي ئىمتىھانلىرىمىز تۈركىيەدىكى داڭلىق شەخسىي مەكتەپلەردە ۋە ئوقۇتۇش مەركەزلىرىدە كەڭرى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تەييارلانغان مەخسۇس تور ئىمتىھان سىستېمىسىدا ئېلىنىدۇ.

ئىمتىھان ۋاقىتلىرى:

بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدا (2025-يىلى):

بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 10-ئاي ئىچىدە،

ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 11-ئاي ئىچىدە،

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 12-ئاي ئىچىدە ئېلىنىپ، ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

 

ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدا (2026-يىلى):

تۆتىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 3-ئاي ئىچىدە،

ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 4-ئاي ئىچىدە،

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىمتىھان: 5-ئاي ئىچىدە ئېلىنىپ، ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسلىرىنى شۇ كەسپنىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان دەرسلەر تۆۋەندىكىچە:

2-يىللىق ئۈچۈن: ماتېماتىكا ۋە تۈركچە (2-يىللىقتا پەن بىلىملىرى دەرسى بولمايدۇ)

3-يىللىق ئۈچۈن: ماتېماتىكا، تۈركچە ۋە پەن بىلىملىرى

4-يىللىق ئۈچۈن: ماتېماتىكا، تۈركچە ۋە پەن بىلىملىرى

دەرس ھەققى:

بۇ پروگرامما بىر يىللىق (ئىككى ئوقۇش مەۋسۇمى) داۋام قىلىدىغان بولۇپ، جەمئىي دەرس ھەققى 2000 لىرا. ئايلىق پروگرامما بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى بىر قېتىمدا تاپشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

دەرس پروگراممىمىزغا چەكلىك ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە يېتەرلىك سان توشقاندا ئاندىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، تىزىملىتىپ بولۇپ، كېيىنكى ئايلاردا چېكىنمەكچى بولغانلارغا ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

ئىمتىھان ماتېرىيالى ھەققىدە:

ئىمتىھانلار ئۈچۈن نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تور ئىمتىھان جەريانىدا ۋە ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش داۋامىدا سوئاللارنىڭ سىكانېرلانغان نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن ماتېرىيالنىڭ نەشىر ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن سىكانېرلانغان PDF نۇسخىسى ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەنمەيدۇ.

سۆيۈملۈك ساۋاقداش، قېنى، سىزمۇ ئارىمىزغا قېتىلىڭ! بۇ ئايلىق تور ئىمتىھانلىرى ئارقىلىق مەكتەپتىكى بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ پۇختىلاش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى دەرىجىڭىزنى ۋە سەۋىيەرىڭىزنى ئۆلچەپ كۆرۈڭ!

3-يىللىق ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى

0.00TL
2000.00TL
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR870020500009415997500001

ئۇچۇر يېزىڭ