1-2 يىللىق كېنگۇرۇ ماتېماتىكا دەرسى

ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ 4-قارارلىق ئېچىلغان 2026-يىللىق خەلقئارالىق كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدۇرۇش دەرس پروگراممىسىغا تىزىملىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

دەرس پروگراممىمىز ھەر بىرى 10 ھەپتىدىن (ئىككى يېرىم ئاي) بولۇپ، ئىككى باسقۇچ بويىچە جەمئىيي بەش ئاي داۋام قىلىدۇ. دەرس پروگراممىمىزنىڭ تۈزۈمى چىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ، كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇش بىلەن قوشۇپ، ئىككىنچى باسقۇچ ئۈچۈن ئوقۇغۇچى تەربىيىلەيدىغان ۋە تاللايدىغان تەييارلىق باسقۇچتىن ئىبارەت.

پروگرامما داۋامىدا بىز سېتىۋالغان مەخسۇس كېنگۇرۇ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە نەشىر قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللار بىلەن بىللە ئىلگىرىكى يىللاردا چىققان رەسمىي ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلىتىمىز.   

بىرىنچى باسقۇچ 10 ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، باشتىن-ئاخىرى تاپشۇرۇق بېرىش شەكلىدە داۋاملىشىدۇ، دەرس ئۆتۈلمەيدۇ. بىز ھەپتىدە بىر قېتىم يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يېڭى كېنگۇرۇ ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرىدىن ئوقۇغۇچىلارغا يوللاپ بېرىمىز. ئوقۇغۇچىلار بىز بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەت ئىچىدە بىزگە  جاۋابلارنى يوللاپ بېرىدۇ. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن بېكىتىلگەن پىدائىي ئانىلارنىڭ ھەمدەمدە بولۇشى بىلەن تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى گۇرۇپپىدا ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىمىز ھەم توغرا جاۋابلىرىنى يوللاپ بېرىمىز، خاتا ئىشلەنگەن جايلارنى ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە توغرىلاپ ئىشلىۋالسا بولىدۇ. ئىككى قېتىم تاپشۇرۇق يوللىمغان ئوقۇغۇچىلار بۇ پروگراممىدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە كېيىنكى دەرسلەرگە ئېلىنمايدۇ. ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى تولۇق، ۋاقتىدا ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ يوللىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ، رەسمىي ھالەتتە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا پەقەت 3-4-سىنىپلار ئېچىلىدۇ. 1-2-سىنىپلار ۋە 5-6-سىنىپلار ئېچىلمايدۇ. 3-4-يىللىقلاردىكى بىرىنچى باسقۇچقا تولۇق قاتنىشىپ، تاپشۇرۇقتىكى ئوتتۇرىچە نەتىجىسى بىز بەلگىلىگەن چەككە يەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن توردا نەق مەيدان ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار، ئىككىنچى باسقۇچتا تەربىيىلەشكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۆتەلمىگەنلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ ناھايىتى جىددىي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەخسۇس ئىمتىھانغا قاراتمىلىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر ھەپتە ئوقۇغۇچىلاردىن توردا نەق مەيدان كېنگۇرۇ ماتېماتىكا تەقلىدىي سوئاللىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ ۋە مەخسۇس تور دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سوئاللار تەپسىلىي، بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ھەپتە مۇقىم تاپشۇرۇق بېرىلىپ ماڭىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىككى قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ۋە ئىككى قېتىم تاپشۇرۇق يوللىمىغان ئوقۇغۇچىلار دەرس پروگراممىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.

مۇھىم ئەسكەرتىش: ئىككىنچى باسقۇچقا قاتناشماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى رەسمىي تور بېتىگە كىرىپ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇشى لازىم. خەلقئارالىق ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرسا بولىدۇ.

ئىككىلا باسقۇچلۇق دەرس پروگراممىمىز ھەقسىز.

دەرس باشلاش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقىتلىرى:

بىرىنچى باسقۇچ 25-10-2025 باشلىنىدۇ.

 ئىككىنچى باسقۇچ 10-01-2026 باشلىنىدۇ.

1-2 يىللىق كېنگۇرۇ ماتېماتىكا دەرسى

ھەقسىز
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR870020500009415997500001

ئۇچۇر يېزىڭ